ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن بوۋاقلار نېمىشقا ئايروپىلاندا يۆتكەلمىدى؟
يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان ئىككى نەپەر بوۋاقنىڭ جەمىيەتتىكى مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىز، شۇنداقلا ئۆز خىزمەت ئورنىدا جاپالىق ئىشلەۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىمىزنىڭ ھەرتەرەپتىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن خوتەندىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىش جەريانى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنى تەسىرلەندۈردى، ئىككى نەپەر بوۋاقمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاخىرقى بېكەت-ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى ھەمدە ئوپېراتسىيەمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى.
بۇ تەسىرلىك ئىش-ئىزلار بىر نەچچە كۈنگىچە كەڭ تورداشلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى، شۇ ئارلىقتا بىر قىسىم تورداشلار مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرغا قويۇشتى، يەنى «خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى بۇنچە يىراق تۇرسا، بوۋاق نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاندا يۆتكەلمىدى؟ ئەگەر ئايروپىلاندا يۆتكەلگەن بولسا ئۈرۈمچىگە ئىككى سائەتتىلا كەلمەسمىدى؟ شۇنچە كۆپ ساقچىلىرىمىز ياردەم قىلىۋاتسا، ئايروپىلان ئىستانىسىسى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىدىمۇ-يە؟»
شۇنداق، ئاشۇ بوۋاقنى شۇنچە ئۇزاق يولنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا يۆتكىگىچە ئايروپىلاندىلا ئېلىپ كەلسە بولماسمىدى؟
ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايروپىلانغا بوۋاقنى بىللە ئېلىپ چىقىش توغرىسىدا ساۋاتلىرى كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارغا ۋە بەلگىلىمىلەرگە قاراپ باقايلى:
يېڭىلا تۇغۇلغان ياكى يېڭىلا تۇغۇلۇپ كېسەل بولۇپ قالغان بوۋاقنى ئايروپىلاندا ئولتۇرغۇزۇشقا بولامدۇ؟
دۆلىتىمىز ئايرودروملىرىنىڭ بەلگىلىمىسىدە مۇنداق بەلگىلەنگەن: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇپ 14 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن، شۇنداقلا بەدىنىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا ئاندىن ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولىدۇ.
چۈنكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆپكىسى ۋە باشقا ئىچكى ئەزالىرى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان ھالەتتە بولۇپ، سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلان قوزغالغان ھەمدە قونغان ۋاقىتتىكى كۈچلۈك ئاۋاز يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاڭلاش پەردىسىنى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. ئايروپىلان سەپىرىنىڭ بالىلارنىڭ قۇلاق پەردىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئېغىر بولىدۇ، شۇڭلاشقا تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بوۋاق بالىلارنى ئۈچ ئايلىق بولغۇچە ئەڭ ياخشىسى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقماسلىق كېرەك. ئۈچ ئايدىن يۇقىرى بوۋاقلارنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىققاندىمۇ ئايروپىلان كۆتۈرۈلگەن ياكى قونۇۋاتقاندا بالىنى چوقۇم ئويغىتىپ، ئېمىتىش ياكى سۇ ئىچكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇلاق پەردىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئايروپىلان يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇۋاتقاندا ئاتموسفېرا بېسىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەس ئېلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئايروپىلان ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوكسېگىن خالتىسى بوۋاقلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنى ئېلىپ ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تەكلىپى شۇكى، بوۋاقلار ئالتە ھەپتىگە (45-50كۈنلۈك بولغاندا) توشقاندىن كېيىن ھەمدە ساغلام ھالەتتە ئاندىن ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولىدۇ. چۈنكى بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ئاي ئىچىدە، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلان ئىچىدە ئولتۇرغان باشقا كىشىلەر ھەرخىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى ئېلىپ مېڭىشى مۇمكىن، (ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرتۈلمەيدۇ) شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال بوۋاققا تولىمۇ پايدىسىز.
بىز كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۆپلەپ ساۋاتقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن ئىككى نەپەر سەبىيلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز.